Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇقەددىمە ئىبنى خەلدۇن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام ئەرەب دۇنياسىنىڭ تارىخىغا دائىر ئەسەر بولۇپ، بۇنى ئىبنى خەلدۇن 1374 - يىلىدىن 1378 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يازغان. ئالتە جىلد، كىرىش سۆز قىسمىدا يېزىلىپ بولغان تارىخىي ئەسەرلەردە تۆت يېتەرسىزلىك مەۋجۇتلۇقى كۆرسىتىلىپ، مۇئەللىپنىڭ ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى بىر پۈتۈنلۈك قارىشى بىلەن تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى شەرھلەنگەن. تارىخىي چىنلىققا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئادىل، ئەمەلىي بايان قىلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشقان، 1 - جىلدنىڭ كىرىش سۆزىدە تارىخ ئىلمىغا چەك بەلگىلەپ، تارىخنىڭ پەلسەپە كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، تارىخ جەمئىيىتىنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە تەرەققىياتىنى، جۈملىدىن سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، سانائەت، سودا، ئىلىم، سەنئەت قاتارلىق تەرەپلەرنى بايان قىلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى؛ تارىخچىلارنىڭ كەڭ بىلىمگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىسا، رىۋايەتچى ئورنىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. 2 - جىلدتا ئەرەب كۆچەم چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىپادىلىرى بايان قىلىندى. 3 - جىلدتا دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، تۈزۈلمىسى، مۇداپىئەسى، باج كىرىمى قاتارلىقلار بايان قىلىندى. 4 - جىلدتا مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ گۈللىنىشى، كۆلىمى، قول سانائىتى ۋە مەركىزىي شەھەرنىڭ گۈللىنىشى، خاراب بولۇشى بايان قىلىندى. 5 - جىلدتا يېزا ئىگىلىكى، سودا، قول سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەر نۇقتىلىق ئىزھار قىلىندى. 6 - جىلدتا پەنلەرنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى، تەربىيىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە يوللىرى نۇقتىلىق ئىزھار قىلىندى. 6 - جىلدتا پەنلەرنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى، تەربىيىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە يوللىرى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. بۇ ئەسەردە تارىخنى چىنلىق بىلەن ئەتراپلىق بايان قىلىش ئاساسىدا، تارىخنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى سەۋەب ۋە قانۇنىيەتلەرنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئەرەب مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۆت باسقۇچى تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن، مۇنداق دەپ قارالدى: تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش - ئىنسان مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئېھتىياجى، ئىنسان تەبىئىتى قەبىھ بولىدۇ. پادىشاھنىڭ پەيدا بولۇشى - ئىنسان تەبىئىيىتىنىڭ تەبىئىي تەرەققىياتىدىن ئىبارەت، ئىنساننىڭ ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئالاھىدىلىكى، ئادىتى ئوخشىمىغان جۇغراپىيە، جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بىر خىل مەدەنىيەت مەنبەسىنىڭ زېمىن پەرقىدىكى مۇھىت ئامىللىرى ئەلۋەتتە مۇھىم، پسىخىكا ئامىللىرىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەرەبلەردە ئۆتكەن سۇلالىلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراب بولۇشىدىن تارىخنىڭ دەۋرلىك تەرەققىي قىلىشىنى يەكۈنلەش لازىم. ئەسىردە بايان قىلىنغان قاراشلار يېقىنقى زامان ياۋروپا پەيلاسوپلىرى، تارىخچىلىرى ۋە سوتسىئولوگلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. ئۇلار مۇئەللىپنىڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى باشقا تۈردىكى جەمئىيەتلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ، دەپ قارىدى. <برىتانىيە قىسقىچە ئىنسكلوپېدىيىسى> ئالتە جىلدلىق ئەسەرنىڭ 1 - جىلدىنى سوتسىئولوگىيە بايانى، 2 - 3 جىلدىنى سىياسىي سوتسىئولوگىيە، 4 - جىلدىنى مەركىزىي شەھەرلەر سوتسىئولوگىيىسى، 5 - جىلدىنى ئىقتىسادىي سوتسىئولوگىيە، 6 - جىلدىنى بىلىم سوتسىئولوگىيىسىگە يىغىنچاقلاپ، مۇئەللىپنىڭ سوتسىئولوگىيىگە قوشقان تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈردى.