Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مۇقەددەس ئىتتىپاق
دائىرە: دۇنيا تارىخى神圣同盟
shén shèng tóng méng
ناپولېئون ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ھەرقايسى خانلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاق. 1815-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى روسىيىدىكى چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅰ، ئاۋسترىيە كورۇلى فرانسىس Ⅰ ۋە پرۇسسىيە كورۇلى فرېدرىخ ۋىلايم Ⅲ پارىژدا <مۇقەددەس ئىتىپاق شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅧⅩ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇپ كىرگەن، باشقا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كورۇللىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىتتىپاققا قاتناشقانلىقىنى جاكارلىغان. ئەنگلىيە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن سورۇنلاردا ئىتتىپاقنىڭ باش فاڭجېنىنى قوللىغان. ئىتتىپاق ھەرقايسى كورۇللارنىڭ <ھەرقاچان، ھەر جايدا>، <بىر - بىرىنى ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ياردەم بىلەن تەمىنلەش> ئارقىلىق، ۋېنا يىغىنىدا يېڭىۋاشتىن بەلگىلەنگەن چېگرانى ساقلاپ قېلىش ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابنى باستۇرۇشنى بەلگىلىگەن. ئىتتىپاق ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيىدىكى ئىنقىلابقا قارىتا قوراللىق مۇداخىلىنى پىلانلىغان ۋە تەشكىللىگەن بولسىمۇ، لېكىن قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى ۋە ياۋروپا خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن، 1822-يىلدىن كېيىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان 1830-يىلى فرانسىيە ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىتتىپاق رەسمىي پاچىلانغان. 1833-يىلى، روسىيە، پروسسىيە ۋە ئاۋسترىيە ئۈچ دۆلەت كورۇللىرى مۇقەددەس ئىتتىپاقنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشمىغان.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال神圣同盟
shén shèng tóng méng
GetWord كۇللىياتى
9神圣同盟
shén shèng tóng méng
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.