Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇقەددەس جەمئىيەت
دۇنيا تارىخى
ئارىيانلار جەمئىيىتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىىمىدىكى ھىندى جەمئىيىتى ۋە دىننى ئىسلاھ قىلىش تەشكىلاتى. 1875-يىلى بومباي ھىندى دىنى ئىسلاھاتچىسى ساراسۋات قۇرغان. ئەزالىرى سودىگەر، قول - سانائەتچى، فېئوداللار ۋە راجپۇتانادىكى بىر بۆلۈك بەگ - غوجاملاردىن ئىبارەت. 1877-يىلى پائالىيەت مەركىزىي لاھورغا يۆتكەلگەن. ھىندىستاننىڭ باشقا جايالىرىدىمۇ شۆبە جەمئىيەت تەسىس قىلىنغان. قەقسىتى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، جەمئىيەت ۋە دىننى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يېڭى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت. قەدىمكى ئارىيانلارنىڭ دىنى جەمئىيىتىگە قايتىشنى تەرغىپ قىلىپ، <ۋېدا دەۋرىگە يېنىش> نى تەرغىپ قىلغان. تائىپە تۈزۈمى، بالا ۋاقتىدا نىكاھلىنىش ۋە بۇتاق چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇپ، تۇل قالغان ئاياللارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشى ۋە ئاياللار مائارىپىنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن. 1891-يىلى ئەزاسى 40 مىڭغا يەتكەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇھ غەرب مائارىپىنى يولغا قويۇشنى ھەمدە لاھوردا داياندا ئەنگلىيە - ۋېدا ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. يەنە بىر گۇرۇھ ھازىرقى تۇرمۇشىدا ۋېدا غايىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەمدە 1902-يىلى خارۋاردا گۇرۇكۇل ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشنى ھىمايە قىلغان.