Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇپتى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى.
«ئاخۇنۇم» ئومۇمىي نام.
«قازى» يۇقىرى دەرىجىلىك سودىيە. «قازى قۇززات» مۇ دېيىلىدۇ.
«كالان» ھۆكۈم چىقارغۇچى، «قازى كالان» مۇ دېيىلىدۇ.
«مۇپتى» ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى.
قازى بىلەن كېتەمسەن، مۇپتى بىلەن قالامسەن. دەۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتتەھەم بولار. كالان ئاخۇنۇم كانىيىنى ياغلايدىغانغا يان باسىدۇ. مۇپتىنىڭ مۇددىئاسىنى بىسمىللاسىدىن بىلگىلى بولىدۇ. مۇپتى پەتىۋا بەردى، قازى ھۆكۈم قىلىدى، ئەمدى گەپ رەئىستە قالدى. ئاران باققان كالامنى سويۇپ يېگەن ئاخۇنۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
شەرىئەت قانۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، شەرىئەتكە ئاساسەن پەتىۋا (ھۆكۈم) چىقىرىدىغان، مەسىلىلەرگە يول تېپىپ بېرىدىغان دىنىي ئەرباب، ئۆلىما.
قازى بىلەن قالامسەن، مۇپتى بىلەن كېتەمسەن (ماقال).