Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇنبەت يەر ھىلال ئاي پىلانى
دۇنيا تارىخى
«مۇنبەت يەر - ھىلال ئاي پىلانى»ھىلال ئاي - مۇنبەت پىلانى دەپمۇ تەرجىمە قىلىندىۇ، چوڭ سۈرىيە پىلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە 1942-يىلى ئىراقنى كۈشكۈرتۈپ ئوتتۇرىغا قويدۇرغان سۈرىيە، لىۋان، تاشقى ئىئوردانىيە، پەلەستىن ۋە ئىراقتىن تەشكىل تاپقان ئەنگلىيە كونتروللۇقىدا قوشما شتات قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان پىلان. بۇ دۆلەتلەر جايلاشقان رايون ئەزەلدىن <مۇنبەت يەر - ھىلال ئاي> رايون دەپ ئاتالغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1941-يىلى 5-ئايدا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېدېن نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ <بىرلىشىشى> نى قوللايدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئىككىنچى يىلى 12-ئايدا، ئىراقنىڭ باش ۋەزىرى نۇرى ئەل - سەيىد ئەنگلىيىگە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ <بىرلىشىش> پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ پىلاندا دەسلەپكى قەدەمدە سۈرىيە، لىۋان، تاشقى ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىننى بىر پۈتۈن دۆلەت قىلىش، كېيىن ئىراق بىلەن تاشقى ئىئوردانىيىنى يادرو قىلغان ئەرەب دلەتلىرى قوشما شتاتى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ پىلاننى تاشقى ئىئوردانىيە قوللىغاندىن سىرت. باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى قوللىمىغان، شۇڭا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيە ئامېرىكا تەسىر كۈچىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، نۇرى ئەل - سەيىدكە ئەسلىدىكى پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشقا يول كۆرسىتىپ، سۈرىيە، ئىراق ۋە لىۋاننى قوشما شتات قىلىپ تەشكىللەپ، ئىراق پادىشاھىنى قوشما شتات پادىشاھى قىلىشقا ئۇرۇنغان، لېكىن كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ بەربات بولغان.