Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇناسىپ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن، ماس، دەل كەلگەن.
ناباپ، نامۇۋاپىق، نالايىق، نامۇناسىپ
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ماس، دەل كەلمەيدىغان.
باپ كەلگەن ئىشتا پايدا بار. ئۆتكەنكى تەجرىبىنىڭ ھازىرغا مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. مۇناپىق دوستلۇققا ئەمەستۇر لايىق. ئۆزۈڭگە مۇناسىپ گەپنى قىل، ناباپ دوستتىن ۋاز كەچ. نالايىق ئىش بىر كۈن بولمىسا بىر كۈن بىلىنىدۇ. نامۇۋاپىق ئىش يامان نەتىجە بېرىدۇ. ئۆزۈڭگە نامۇناسىپ ئىشنى قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
توغرا كېلىدىغان، ماسلىشىدىغان،مۇۋاپىق، لايىق.
مۇناسىپ ھەرىكەت. مۇناسىپ كەلمەك. مۇناسىپ كۆرمەك.
ئەرزىيدىغان، ئەرزىگۈدەك.
تىلغا ئېلىشقا مۇناسىپ ياردەم.
شاھزادە ئاتا - ئانىلىرىغا مۇناسىپ سوۋغىلارنى ئېلىپ تەييار بولدى.