Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قانۇن - ئىنتىزام، ئەردەم - ئەھكام، ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنغا خىلاپ ئىش - ھەرىكەت. «تسۇي» خەنزۇچە: 罪
روزىدا گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ باراتتا. ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق. ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس. كورنىڭ ئەيىبى كۆزىگە كۆرۈنمەس. كىشى پاراسەتتە كەم بولسا قانچە، ئەيبىنى ئاقلاشقا ماھىردۇر شۇنچە. ئازمىغان جىنايەتتىن خالىي بولار. مەرد بولساڭ، ۋەتەننى قىلغىن ھىمايەت، قان بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ - جىنايەت. ئالەمنى ياپالىغان جىنايتىنى ياپالار. قىلمىشىغا يارىشا جازا. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە توۋا قىلمايسەن. ئوت تۈتۈنسىز بولماس، ئەر يازۇقسۇز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەمچىللىك، كەمتۈكلۈك، يارىماس قىلىق، ئادەت.
بوينىدا ئىللىتى بارنىڭ تۇۋىقى سىرقىرار. ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس. ئۆز ئەيىبىنى بىلگەن باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچماس. ئاقارغان چاچ ئەيىپ ئەمەس. بىر ئېۋەننى يوشۇرساڭ، يەنە بىرى چىقار. پەرىشتىدىنمۇ بەش نۇقسان تېپىلار. قۇسۇر تېپىشقا ئۇرۇنما.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مۇڭ، دەرت - ئەلەم؛ ئەيب، يېتىشسىزلىك.
مۇن كىشى _ مۇڭلۇق ئادەم، كۆڭلى سۇنۇق ئادەم. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يالىڭۇق ئوغلى مۇنسۇز بولماس _ ئادەم بالىسى ئەيىپسىز بولماس.
3 - 191
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
(1) تۇتۇق، غۇۋا، مۈشكۈل؛ (2) قۇسۇر، كەمچىلىك، دەسمايە