Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇمكىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ئىش - ھەرىكەتنىڭ گۇمانلىق ھالىتىنى بىلدرىدۇ.
خەقنىڭ بەختسىزلىكىدىن كۈلمە، ئۆزۈڭنىڭ بەختسىزلىكى، بەلكىم، ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشەر. ياشلىق ۋاقتىدا شۇنداق پىكىرلەر تۇغۇلىدۇكى، بۇ پىكىرلەر كېلەچەكتە ئىنساننى پەلەككە كۆتۈرۈشى مۇمكىن. مىڭ ئېھتىمالدىن بىر راست چىقماس. ئېھتىمال ئادەملەر ئارىسىدىكى جىنازە پەرىشتىلەر ئۈچۈن تويدۇر. ئېھتىيات قىل، دۈشمىنىڭ دۈشمەنلىك ئوتىنى يېقىۋاتقاندۇ ھەرقاچان. ئۇ تۈنۈگۈن كەلگەن چېغى، مەن يوق ئىكەنمەن. بۇلۇت كۆتۈرۈلدى، يامغۇر ياغىدىغان چېغىۋا. ۋاللاھۇئالەم، بۇ كۈنلەردىن قۇتۇلارمىز. خايناخا مەندىن يامانلاپ قالغاندۇ. كىم بىلىدۇ، ئەتە نېمە بولىدۇ. كىم كېتىپ كىم قالىدۇ. ئالاھەزەل 40 ياشلاردا بار بىر كىشى كەپتۇ. ئەلھال، ھەممە تەييار بولغاندۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول قويۇلغان، ماقال كۆرۈلگەن.
ئىلىم پەن يېتىش مۇمكىن بۇرادەر، زەررىلەردىن چىقىپ قۇياشقا قەدەر. مۇمكىنمۇ چىۋىننى قىلىچتا چاپماق، شىر قانداق پاشىغا ئۇرسۇن شاپىلاق. دۈشمەننى بىلىپ تۇرۇپ قويۇۋېتىش جايىز ئەمەس. ئەگەر قانخور ياۋا بىلەن قىلساڭ جەڭ، راۋادۇر قانچە كۆپ قېنىنى تۆكسەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئىمكان، ئىمكانىيىتى بار بولىدىغان، ئەمەلگە ئاشىدىغان.
مۇمكىن دەپ قارالغان ئىشنى ئەلۋەتتە ئىشلەش كېرەك.
<ئېھتىمالى بار، ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس> دېگەن مەنىلەردىكى پەرەزنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
بارسىڭىز كۆرۈشۈشىڭىز مۇمكىن.