Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە
دائىرە: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، خېۋىر تۆمۈر يازغان تارىخىي بىئوگرافىك قىسسە بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1 - قىسمى 1981 - يىلى 11 - ئايدا، 2 - قىسمى 1991 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن داڭلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى، جۈملىدىن خەلق ئاممىسى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان يۇمۇر - قىزىقچىلىقلىرىنى ئاساس قىلىپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بەدىئىي جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىپ يېزىلغان بۇ قىسسەدە موللا زەيدىن ياشىغان دەۋردىكى ئومۇمىي كەيپىيات چىڭ تۇتۇلۇپ، موللا زەيدىننىڭ خەلقپەرۋەرلىكى ئالاھىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.