Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇكاپات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا كۆرسەتكەن خىزمىتى، قىلغان ئىجادىيەت، كەشپىياتلىرى ئۈچۈن، تەنتەربىيىدە ئۇزغۇنلۇقى ئۈچۈن بېرىلگەن نەرسە.
<مۇكاپات> ئەڭ ئومۇمىي.
<ئىنئام> مەلۇم شارائىتتا <ھەدىيە> گە ياتىدۇ.
<شاڭ> خەنزۇچە: 赏
ۋاپا كۆرسەڭ بىراۋدىن بولما لال زادى، ۋاپا قىلدىڭ، ۋاپا بولدى مۇكاپاتى. ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ فېنلاندىيىدە ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ ئىككىنچى بولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 5000 يۈەن مۇكاپات بەرگەنىدى. خام مېۋىدىن لەززەت ئىزدىگەن خامدۇر، ئۇندىن پۇختا ئەمەس، خام سۆز ئىنئامدۇر. باشباي بىر مالچىسىغا بىر ئات ئىنئام قىلغانىكەن. ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇپ بەرگەن خائىنغا شاڭ بەرگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئېرىشكەن نەتىجە، ياراتقان بىرەر تۆھپە، كۆرسەتكەن خىزمەتلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان ماددىي نەرسە؛ ئىنئام.
مۇكاپات ئالماق. مۇكاپات بەرمەك.