Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مۇجاھىدلار تەشكىلاتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى穆扎希德组织
mù zhā xī dé zǔ zhī
1905 - 1911 - يىللىرىدىكى ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابىي ھەرىكىتىدە قۇرۇلغان رادىكال مەخپىي تەشكىلات. مۇجاھىد ئەرەبچە <Mujahid> نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <ھەققانىيەت ۋە ئېتىقاد ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جەڭچى> دېگەن مەنىدە. 1905-يىلى ئىراننىڭ شىمالىي قىسمىدا ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان. كېيىن پۈتۈن مەملىكەتتە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئومۇمەن قول سانائەتچىلەر، سودىگەرلەر، كىچىك پومېشچىكلار ھەم ئىشچىلار ۋە دېھقانلاrدىن ئىبارەت. 1907-يىلى 9-ئايدا مەشھەددە <مۇجاھىد پروگراممىسى> ماقۇللىنىپ، دېموكراتىك ئاساستا ئومۇمىي سايلام ئېلىپ بېرىش؛ سۆز، يىغىلىش، ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەركىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پادىشاھ ۋە بەگلەرنىڭ يەرلىرىنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش؛ سەككىز سائەت ئىشلەش تۈزۈمىنى ۋە ھەقسىز ئومۇمىي مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇش، باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ تەشكىلات قوراللىق پىدائىيلار قىسمىنى قۇرغان. بۇ قوشۇن كېيىن ئىران ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىي قوراللىق كۈچى بولۇپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.