Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇھىت ئاسىراش
بىئولوگىيە
تەبىئىي مۇھىتنى ئاسراپ، ئۇنىڭ بۇزۇلۇش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئۇنى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مۇھىت ئاسىراش خىزمىتى بايلىق مەنبەلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلغىنىش ئادەتتە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن (مىقدارى، كۈچىنىشى، ۋاقتى) ھەر خىل ھالەتتىكى تەبىئىي ياكى سۈنئىي بىرىكمىلەرنىڭ مۇھىتقا سىڭىپ كىرىپ، ئىپتىدائىي ئېكولوگىيىلىك سىستېما ياكى بىئوسفېرادىكى ماددا ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئالمىشىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ۋە فۇنكىسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ نورمالسىزلىق ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا زىيان سېلىش ئېففېكتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلغىنىش تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، (مەسىلەن، <ئۈچ كېرەكسىز> نى ياخشى باشقۇرۇش، دېھقانچىلىق دورىسى ۋە خىمىيىۋى ئوغۇتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، شاۋقۇن ئاۋازلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش)، ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغداپ ۋە ياخشىلاپ، خىلمۇ خىل <ئىجتىمائىي ئاپەت> لەرنىڭ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. مەسىلەن، ئەخلەتنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئوغۇت ئورنىدا ئشىلىتىش، ياكى ئومۇملاشتۇرۇپ پايدىلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى ئايرىۋېلىش، قەغەز ياساشقا ئىشلىتىش، سۇ مەنبەلىرىگە تۆكۈپ سۇنى بۇلغىماسلىق لازىم. يەنە ئىچىشكە ئىشلىتىلىدىغان. سۇلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا بۇلغانغان پاسكىنا سۇلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ ئۇنى سۇ مەنبەلىرىگە كىرگۈزمەسلىك كېرەك. ئىس، چاڭ - توزان ۋە كېرەكسىز گازلارنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاساسەن، پار قازانلىرىنىڭ كۆيدۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئۇنىڭغا ئىس، چاڭ - توزان ۋە كېرەكسىز گازلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ئەسۋابلىرىنى ئورنىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق زەھىرىنى تىزگىنلەشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى <ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قوغدىنىش>، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى مۇۋاپىق ۋە بىخەتەر ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.