Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
穆罕默德
دىن
mù hǎn mò dé
伊
ئىسلام دىنى
<مۇھەممەد>، <مۇھەممەد> سۈرىسى (قۇرئاننىڭ 4èـ سۈرىسى)
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,تارىخ
mù hǎn mò dé
مۇھەممەد
دۇنيا تارىخى
مۇھەممەد پەيغەمبەر
(1) (تەخمىنەن 570 - 632) ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى. ئەرەب يېرىم ئارىلى مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسى ھاشىم جەمەتىدىكى زاۋال تاپقان بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئاتىسى دۇنيادىن ئۆتكەن. ئالتە ياشتا ئانىسىدىن ئايرىلغان. بالىلىق دەۋردە بوۋىسى ئابدۇلمۇتەلىب ۋە تاغىسى ئەبۇ تالىب ئۆز تەربىيىسىگە ئالغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە مالچى ۋە سودىگەر بولغان. سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. 25 يېشىدا باي سودىگەرنىڭ تۇل ئايالى خەدىچىگە ئۆيلەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ دائىم مەككە شەھىرى ئەتراپىدىكى ھىرا غارىدائىستىقامەت قىلغانىكەن. 40 ياشتا ئۆزىنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرقى <پەيغەمبەر> ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ مەككە شەھىرىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئاللانىڭ بىرىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىپ، كۆپ ئىلاھقا ھوقۇنۇشقا قارشى تۇرغان ھەمدە ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنىپەسەيتىدىغان بەزى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ خوتۇنى خەدىچە، بىر نەۋرە ئىنىسى ئەلى ۋە يېقىن دوستى ئەبۇ بەكرىلەر ئۇنىڭ ئەڭ بالدۇرقى مۇرىتلىرى ئىدى. كېيىن كۆپ ئىلاھقا ھوقۇنىدىنغان مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ قارشىلىقىغا ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. مىلادى 622-يىلى 2-ئايدا يارتىب (كېيىن مەدىنە دەپ ئۆزگەرتىلگەن، پەيغەمبەر شەھىرى دېگەن مەنىدە) قا بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىلاھىي ھاكىمىيەتلىك دۆلەت قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەككە شەھىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن كۆپ قېتىم غازات قىلغان. غازاتلار ئىچىدە مەشھۇرلىرى بەدر غازىتى، ئوھۇد غازىتى ۋە خەندەك غازىتى قاتارلىق غازاتلاردىن ئىبارەت. 638-يىلى ئىكى تەرەپ <ھۇدەيبيە سۈلھىسى> نى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىلغان. 630-يىلى مەكىنى ئىشغال قىلغان. مەككىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋەسودىگەرلەر ئۇنىڭغا يول قويۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ نپۇزىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ بولسا مەكىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ دىن ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى ئەۋزەل ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان، كەئبە مەسچىت قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى ھەج قىلىدىغان جاي قىلىپ بېكىتىلگەن. كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قەبىلىلەر ئارقىمۇ ئارقا ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرەب يېرىم ئارىلى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. 632-يىلى مەكىدە ھەج تاۋاب قىلغاندىن كېيىن كېسەل بىلەن مەدىنىدە ۋاپات بولغان ھەمدە مەدىنىگە دەپنە قىلىنغان. (2) مۇھەممەد (گۇرلىك) (؟ - 1206) ئەسلى ئىسمى. مۇئىززۇددىن مۇھەممەد گۇر خاندانلىقىنڭ ھۆكۈمرانى. 1173-يىلى غەزنىنى ئىغال قىلغاندىن كېيىن ئاكىسى سۇلتان غىياسىددىن مۇھەممەد تەرىپىدىن غەزنى سۇلتانلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ پادىشاھلىقنىڭ شەرقىي قىسمىنى باشقۇرغان. 1175-يىلدىن باشلاپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغاك ۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مۇلتان، پېشاۋەر، سيالكۇت قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. 1186-يىلى لاھورنى بېسىۋېلىپ، غەزنى خاندانلىقىنى يوقاتقان. 1119-يىلى تارايندا ھىندىستاندىكى لاچپوتلار بىلەن ئېلىشقاندا يېڭىلىپ يارىلانغان. ئىكىنچى يىلى شۇ جەڭ مەيدانىدا زور غەلىبە قىلغان. كېيىن شىمالىي ھىندىستانغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن زېمىنلەرنى بېسىۋالغان. 1203-يىلى، ئۆز ئاكىسىنىڭ ئورنىنى دەسسەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. 1204-يىلى خارەزىم قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1206-يىلى ھىندىستاندىن غەزنىگە قايتىش سەپىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن.
دىن
mù hǎn mò dé
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
دىن
mù hǎn mò dé
伊
ئىسلام دىنى
مۇھەممەد، مۇھەممەد پەيغەمبەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئەبۇلقاسىم مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا بىننى ئابدۇل مۇتەللىب بىننى ھاشىم، ئەلىيە مۇھەممەد (ئامېرىكا نېگىرلىرى داھىسى)