Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
木耳
دائىرە: بىئولوگىيەساڭراۋ قۇلاق
قارا ساڭراۋ قۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، ساڭراۋ قۇلاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنى نېپىز بولۇپ، تەركىبىدە كوللۇئىد كۆپ بولىدۇ؛ يېرىم سۈزۈك ئوتتۇرىسى ئويمان بولۇپ، قۇلاققا ئوخشايدۇ، كېيىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ يوپۇرماقسىمان ھالغا كېلىدۇ؛ رەڭگى جىگەر رەڭ بولۇپ دېئامېترى بىر قانچە سانتىمېتر كېلىدۇ، بەزىدە 10 سانتىمېتردىن ئېشىپ كېتىدۇ، قۇرۇغاندىن كېيىن توق قوڭۇررەڭ بىلەن قارا رەڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ، تاغلاردىكى ئورمانلىق ۋە قورۇدىكى دۇپ دەرىخى، قارىياغاچ، ئالنۇس دەرىخى، سۆگەت، تېرەك، تۇخۇمەك، ئۈجمە، جىگدە، كاشتان، فىكۇس دەرىخى قاتارلىق كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ چىرىگەن ياكى يېرىم قۇرىغان غولىدا ئۆسىدۇ. ھازىر كۆپىنچە سۈنئىي ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال، شەرقىي جەنۇب، غەربىي جەنۇب ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردىن چىقىدۇ. ساڭراۋ قۇلاق جۇڭگودىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان زەمبۇرۇغ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگوچە دورىلار ئىچىدە قۇۋۋەتلەندۈرگۈچ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولىدۇ. يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇش، قان توختىتىش، ئاغرىق توختىشىش ئۈنۈمى ھەمدە ئۆپكىنى نەمدەش ۋە ئاشقازان ئۈچەيلەرنى يۇيۇش رولى بار. ساڭراۋ قۇلاق توقۇمچىلىق ۋە كان ئىشچىلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتا مۇھىم ئوزۇقلۇق قىلىنىدۇ.
دائىرە: ئورمانچىلىقmù ěr
مۇر، ساڭراۋقۇلاقDدېھقانچىلىق
mù ěr
ساڭراۋقۇلاق ، مورDئۆسۈملۈك
mù ěr
قارا ساڭراۋ قۇلاق، مورDئۇنىۋېرسال
mù ěr
دەرەخ قۇلىقى، ساڭراۋ قۇلاق، قېرىنقۇلاق، ياغاچ زەمبۇرۇغى، ئاۋرىكۇلارىيە
Dباغۋەنچىلىك
mù ěr
مۇر، ساڭراۋ قۇلاق
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىmù ěr
ئىقتىساد
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق
ساڭراۋ قۇلاق
(1)ئىككى قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارماقلىرىدا چەمبەر ھاسىل قىلىش بىلەن تەڭلا يۇقىرىغا يۆتكەيدۇ. (2) بىر بىگىز بارمىقى بىلەن قۇلاقنى كۆرسىتىدۇ.
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8mù ěr
مۇر
دەرەخ قۇلىقى، ساڭراۋ قۇلاق، قېرىنقۇلاق، ياغاچ زەمبۇرۇغى، ئاۋرىكۇلارىيە
ساڭراۋ قۇلاق
ياغاچ زەمبۇرۇغى
ساڭراۋقۇلاق، مور
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.