Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇددىئا تەلىماتى
پسىخولوگىيە
بۇ بىر خىل لوگىكا تەلىماتى. بۇ تەلىمات كىشىنىڭ ھەرىكەت مۇددىئاسى بىلەن ئۈنۈمىنى بىر - بىردىن ئايرىۋىتىدۇ. بۇ تەلىماتتا، ھەرىكەتنىڭ ياخشى - يامانلىقى مۇددىئاغا باغلىق، ياخشى - يامانلىق ئۆلچىمى مۇتلەق ئۆزگەرمەيدۇ؛ ئۇنىڭغا خاس خۇسۇسىيەت كىشىنىڭ ئېڭىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى تاشقى دۇنيا، ئىجتىمائىي سەۋەبلەرگە باغلىق ئەمەس، دەپ قارىلىدۇ، بۇ تەلىماتنىڭ ئاساسى ۋەكىللىرى گىرمانىيلىك پەيلاسوپ، مائارىپ مۇتەپپەككۇرى، تەبىئىي پەن ئالىمى كانت ( 1724- 1804)، ئۇنىڭدىن قالسا، شوتلاندىيىلىك لىت، ئەنگىلىيىلىك پولس قاتارلىقلار. بۇ تەلىماتتا مۇددىئا تەكىتلىنىپ ئۈنۈم ئىنكار قىلىنىدۇ. ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىقى بىلەن سىنپىيلىقىغا سەل قارىلىدۇ. بۇ بىر خىل مىتافىزىك سۇبيېكتىپ ئىدىئالىزملىق تەلىمات. ماركىسىزم مۇددىئا بىلەن ئۈنۈم بىر پۈتۈنلۈك،ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى سۇبيېكتىپ ئارزو ياكى مۇددىئانى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم دەپ قارايدۇ. « مۇددىئا بىلەن ئۈنۈم » گە قاراڭ.