Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
亩
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مو
مو - خەنزۇچە يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىشقا باشلىغان بولسا كېرەك. چۈنكى، مۇشۇ دەۋردىن ئىلگىرىكى يازما يادىكارلىقلاردا <مو> دېگەن يەر مەيدان ئۆلچىمى ئۇچرىمايدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ شىنجاڭدا <پاتمان>، <تاناب> <چارەك> دېگەندەك يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكلىرى قوللىنىلغان. <مو> ئانچە كۆپ قوللىنىلمىغان.
مو ئەسلىدە بازا سىستېمىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى <جاڭ> دىن ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، قەدىمدە بىر مو 60 كۋادرات جاڭغا تەڭ ئىدى. خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بىر مو 6.667 ئار، 0.164 ئېنگلىز موسىغا تەڭ. ئېلىمىزدە بىر مو = 10 پۇڭ = 100 لى = 666.7 كۋادرات جاڭ؛بىر ئىنگلىز موسى (ئەنگلىيىدە) 4046.849 كۋادرات مېتر؛ ئامېرىكىدا 4046.866 كۋادرات مېتر كېلىدۇ. پايونىيىنىڭ بىر موسى 30 قەدەم بولۇپ، 100 كۋادرات مېتر كېلىدۇ.
ھەجىم (سىغىم) ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىmǔ
تەبىئىي پەن
دائىرە: ماتېماتىكامو
بارماق ھەرىپى <م> نى كۆرسىتىپ، چەمبەر شەكلىدە بىر ئايلاندۇرىدۇ.
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8mǔ
قىر
تۈپ، ئاساس، مەنبە
مو (ئۆلچەم بىرلىكى)
مو (مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى)
مو (يەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى)
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.