Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ پىكىر قىلىش قابىليىتى.
ئەقىل بىلەن ئەدەب قوشكېزەك، ئەقىل ھەسەندۇر، ئەدەب ھۈسەن. ئەقىل توزۇماس، بىلىم خورىماس. ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا. كېچىككەن ئەقىل _ ئورمىدىن كېيىن يامغۇر. بەخىتلىككە ئەقىلنىڭ نېمە كېرىكى، ئەقلى يوققا بەختنىڭ نېمە كېرىكى. ئەقىل بىلەن ئىدراك پەقەت ئاڭا يار، پۈتۈن تىلىسىز ئالەم پەرمانىغا يار. ئىدراكقا تولسا گەر ياشنىڭ قەلبى، ھەتتا قېرىلاردىن ئۆتىدۇ ئەقلى. كەپسىزنىڭ پاراسىتى يوق، غەمسىزنىڭ پاراغىتى. ئادەمنىڭ زېھنى ئىشلەتكەنسېرى ئېچىلىدۇ، ئىشلەتمىسە تۇتۇلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايغۇ - ھەسرەتتىن كەلگەن زار، دەرد - ئەلەمدىن ئۆكۈنۈش.
نالە كېسەلنىڭ ھەمراھى. دەردى يوقنىڭ پىغانى يوق. مۇڭنى بىلمىگەن يۈرەك مۇزدەك. دەردمەننىڭ پەريادى پەلەكتىن ئاشتى. ئالۋان كەلدى ئالامەت، بىزگە بولدى نادامەت، ئالۋاننى بەرمەي قويساڭ، بىزگە بولار قىيامەت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەقىل.
مۇڭ تاغ _ ئەقىل چىشى. مۇڭ تاغ ئۈندى _ ئەقىل چىشى ئۈندى (چىقتى).
3 - 491
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مۇڭ، مۇڭ - زار، جاپا - مۇشەققەت.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئەرگە مۇڭتەگىر تاغ سەڭىرىڭە يېل تەگىر _ ئادەمگە مۇڭ تېگەر، تاغ سىڭىرىغا يەل تېگەر. تاغ تۇمشۇقىغا يەل تەككەندەك، ئادەمگە جاپا - مۇشەققەتكېلىدۇ. تاغ تۇمشۇقىدىن يەل ئۆتۈپ كېتىپ، تۇمشۇق ئۆز پېتى قالغاندەك، جاپا - مۇشەققەتمۇ ئادەمدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
3 - 491
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
غەم - قايغۇ، ھەسرەت؛ ئەندىشە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
غەم - قايغۇ، مەيۈسلۈك، كۆڭۈل يېرىملىق.
مۇڭ باسماق. مۇڭ سالماق.* تاشۋاي راۋاب تارىلىرىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان مۇڭ ئارقىلىق، يىگىتلەرگە بارغانسېرى يۈرەك دەردىنى، ئارمىنىنى ئېچىپ سۆزلەيتتى.