Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
بۇ كۆرسىتىش ئالماش:
جەفايۇ ئىشۋەرلەرنى فەن تۇتۇپسەن،
مۇنىڭدەك ئىشۋە پۇرفەندىن نەھاسىل.
لۇتقى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مۇ.
ئىسىم ۋە پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كېلىدىغان سوئال قوشۇمچىسى. بۇ ئىتمۇ _ بۇ ئىتمۇ؟ پېئىللارغا مىسال: باردىڭمۇ _ باردىڭمۇ؟ كەلدىڭمۇ _ كەلدىڭمۇ؟ ئوغۇزلارنىڭ بەزىلىرى پېئىللارنىڭ ئۈچىنچى شەخسىگە قوشۇمچە ئۇلاشتا تۈركلەردىن پەرقلەندۈرۈپ «م _ m» ھەرپىنى كەسىرلىك قىلىپ، «و _ ۋاۋ» ھەرپىنى «ى _ يا» ھەرپىگە ئالماشتۇرىدۇ. ئول باردىمى _ ئۇ باردىمۇ؟ ئىسىملاردا بولسا، تۈركلەر بىلەن ئوخشاش. بۇ ئات سەنىڭمۇ _ بۇ ئات سېنىڭمۇ؟ بۇ ئوغۇل سەنىڭمۇ_ بۇ بالا سېنىڭمۇ؟
3 - 295