Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېتىئونىن
بىئولوگىيە
<مېتىل تىئو ئامىنو كىسلاتا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلاردا مېتىئونىن چوقۇم يېمەكلىكلەردىن ئېلىنىدىغان ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتادۇر. ئۇ ئاقسىللارنىڭ سىنتېزلىنىشىدا خام ئەشيا بولۇشتىن سىرت يەنە ھەر خىل مېتابولىزىم جەريانلىرىنى <ئاكتىپ مېتىل رادىكالى> بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىستېئىن ۋە سىستىنلارنىڭ سىنتېزلىنىش مېتابولىزمىنى گۈڭگۈرت ئاتومى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مېدىتسىنادا جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشقان قاتارلىق جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئارسىن، خلوروفورم، تېتراخلورو كاربونات قاتارلىق تۇغۇندىلىرىغا نىسبەتەن زەھەرسىزلەندۈرۈش رولى بولىدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇندىسى ۋىتامىن U 1 ئاشقازان يارىسىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.