Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىترىدات
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 132 - 63). ئىمپېراتور مىترىدات دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پوننوس پادىشاھلىقى (قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرىدا) نىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 121 - 63). 11 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى مىترىدات Ⅴ نىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، پادىشاھ بولغان. ئۇ ئوبدان تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، يۇنان مەدەنىيىتىنى ياقتۇرۇپ قالغان. كۆپ خىل تىلدا سۆزلىشەلەيتتى. ئۇنىڭ زومىگەر بولۇش نىيىتى چوڭ بولۇپ، پەم - پاراسەتتە يۇقىرى ئىدى. دەسلەپ ئەرمىنىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قارا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى يۇنان شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 89 - 88 يىللىرى رىم ئىشغالىيىتىدىكى <ئاسىيا ئۆلكىسى> (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمى) نى ئىشغال قىلغان، رىمنىڭ زۇلۇمىدىن بىزار بولغان يەرلىك ئاھالىلەر ئۇنى <نىجاتكار> دەپ ھېسابلىغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن، مۇستەملىكىچى سودىگەرلەردىن ۋە جازانىخورلاردىن بولۇپ 80 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئېرىتىلگەن ئالتۇننى خىيانەتچى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاغزغىغا قۇيغان ھەمدە قەرزنى بىكارق ىلىش، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە يەر تەخسىم قىلىپ بېرىش شوئارى بىلەن بىر مەھەل كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلغان.ۋەزىيەتتىن پايدىلىنپ گرېستىيىگە ھۇجۇم قىلغان، ئافىنا، بىئوتىيە، ئاكائىيە، لاكۇنىيە قاتارلىق جايلار تەرەپ - تەرەپتىن ئاۋاز قوشقان. رىم سوللانى گرىتسىيىگە ئەۋەتىپ ئۇرۇش قىلغان، مىتىرىدات ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مىلادىدىن 85 يىل ئىلگىرى (ياكى 84 يىل ئىلگىرى) ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكەن، بۇ سۈلھ شەرتنامە بويىچە: مىتىرىدات بېسىۋالغان بارلىق زېمىندىن چېكىنىپ چىققان، 3 مىڭ تالانتۇن تۆلەم پۇل تاپشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن <بىرىنچى قېتىملىق مىترىدات ئۇرۇشى> ئاياغلاشقان. مىلادىدن 83 - 81 يىل ئىلگىرى يىللىرى سوللانىڭ قالدۇرپ كەتكەن سەركەردىسى مۇرېنا بىلەن كىچىك ئاسىيا رايونىدا يەنە توقۇنۇشقان، بۇ جەڭ <ئىكىنچى قېتىملىق مىترىدات ئۇرۇشى> دەپ ئاتالغان. بىراق زىددىيەت ئاخىرى ھەل بولمىغان. مىلادىدىن 74 يىل ئئىلگىرى بىتنىيە (مەرمەر دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى رايون)نى تالىشىش يۈزىسىدىن يەنە <ئۈچىنچى قېتىملىق مىترىدات ئۇرۇشى> پارتلىغان. مىترىدات 120 مىڭ كىشىلىك پىيادە ئەسكەر ۋە 16 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق ئەسكەر ھەمدە باشقا ياردەمچى قوشۇنلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان؛ رىم لوكوللۇ ۋە كوتتادىن ئىبارەت ئىككى نەپەر كونسۇلىنى ئەۋەتىپ ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقنىڭ رىمنىڭ ئىستېلاسى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ