Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىتوخوندرىيىلىك تولۇقلىنىش
بىئولوگىيە
线粒体互补
xiànlìtǐhùbǔ
خوندرىئوسوما ھايات ھۈجەيرىنىڭ نەپەسلىنىش مەيدانى، شۇنداقلا ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ پونكىتى. ھايات ھۈجەيرە ئوكسىدلاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نىئورگانىك فوسفورنىڭ ئېستېرلاش تەسىرى يەنى ئوكسىدلاشقان فوسفاتلىنىشنىڭ تەسىرى ئارقىلىق يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ماددا ATP نى ھاسىل قىلىدۇ. ئىككى ئوخشاش ئەجدادتىن كەلگەن خوندرىئوسومىنىڭ تەڭ نىسبەتتە ئارىلاشقان ماددىسىنىڭ ئوكسىدلاشقان فوسفاتلىنىش ئاكتىپچانلىقىنىڭ ھەرقانداق بىر ئەجدادنىڭ ئوكسىدلاشقان فوسفاتلىنىش ئاكتىپچانلىقىدىن ئېشىپ كېتىشى ھەمدە شالغۇت خوندرىئوسومىنىڭ ئوكسىدلاشقان فوسفاتلىنىش ئاكتىپچانلىقىغا يېقىنلىشىش ھادىسىسى مىتوخوندرىيىلىك تولۇقلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن شالغۇت ئەۋزەللىكى ئالدىن ئۆلچىنىدۇ.