Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېتودىئۇس
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
美多迪乌斯
měi duō dí wū sī
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
美多迪乌
měi duō dí wū
دائىرە: دۇنيا تارىخى美多德
měi duō dé
(تەخمىنەن 826 - 885) خرىستىئان مېسسىئونېرى. گرېتسىيىدە تۇغۇلغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوردا مەكتىپىدە تەربىيىلەنگەن ھەمدە ھەربىيدە مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. كېيىن مۇناستىرغا كىرىپ، ئىنىسى كىرىللۇس بىلەن ھەمكارلىشىپ، بەزى خرىستىئان دىنى كىتابلىرىنى سلاۋىيان يېزىقىغا (ماكېدونىيە يەرلىك تىلىغا) تەرجىمە قىلغان. مىلادى 863-يىلى ۋاىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن، ئىنىسى كىرىللۇس بىلەن بىرلىكتە موراۋىيىگە بېرىپ دىن تارقاتقان. 866-يىلى ئىككىيلەرن پاپانىڭ چاقىرىقى بويىچە رىمغا كەلگەن. 869-يىلى كىرىللۇس كېسەل بولۇپ ئۆلگەن، مېتودىئۇس پاپا ئادرىئان Ⅱ (867 - 882-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن موراۋىيە بىلەن پاننونىيىنىڭ ئارخېئېپىسكوپلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 670-يىلى پاننونىيىگە ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغىلى مېڭىپ، ئۇزاق ئۆتمەي، شۇ يەردىكى گېرمانىيە كاتولىك مېسسىئونېرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، زىندانغا تاشلانغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، موراۋىيىگە بېرىپ، داۋاملىق دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.