Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىتىلۇس
بىئولوگىيە
كلاپان ژابرالىقلار سىنىپىنىڭ مىتىلۇس ئائىلىسىگە كىرىدۇ. <قاپلىق سەي> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاپچۇقى كۆپكەن ئۇزۇن - ئۇزۇن ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە، قاپچۇق چوققىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى قېلىن ياكى نېپىز، بىرىكتۈرگۈچى كىرىشمە چىشلىرى رۇدىمېنتلاشقان، قاپچۇق پوستى تەرەققىي قىلغان، قارامتۇل بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە ئايلانما سىزىقچلىرى بولىدۇ. قاپچۇق چوققىسىنىڭ پوستى كۆپىنچە سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىپ ئاقىرىپ قالىدۇ، ئالدى قاپچۇق ياپقۇچ مۇسكۇلى رۇدىمېنتلاشقان، كەينى قاپچۇق ياپقۇچ مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغان. پۇتى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاجرىلىپ چىققان پۇت يىپچىلىرى ئارقىلىق قىرغاققا يېقىن (تاشقى دېڭىز) سۈزۈك دېڭىز تېگخدىكى قىياتاش ياكى باشقا نەرسىلەرگە چاپلىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ. چاپلىشىش كۈچى ناھايىتى زور بولىدۇ. مەملىكىتىمىزىدكى دېڭىز ياقىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان خىللىرى قېلىن قاپچۇقلۇق مىتىلۇس، مىتىلۇس، يېشىل مىتىلۇس قاتارلىق 30 نەچچە تۈرگە يېتىدۇ. مىتىلۇسنىڭ گۆشى مەززىلىك بولۇپ، قۇرۇتۇپ ئىشلەنگىنى <تۇزسىز تائام> دېيىلىدۇ، مىتىلۇسلار قۇلۇلىلەر باقمىچىلىقىدىكى مۇھىم تۈر ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇلار كېمە تېگىگە ياكى دېڭىز ياقىسىدىكى زاۋۇتلارنىڭ دېڭىز سۈيى تۇرۇبا يوللىرىغا چاپلىشىۋالسا كېمىلەرنىڭ سۈرئىتىگە ياكى تۇرۇبىلاردىكى سۇ ئېقىمىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.