Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىسسىسىپى مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
密西西比文化
mì xī xī bǐ wén huà
شىمالىي ئامېرىكىدىكى مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىمىنى مەركەز قىلىپ، ئوھىئو دەريا ۋادىسى، ئوتتۇرا قىسىم ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى رايونلارغا كەڭ تارقالغان بىر خىل مەدەنىيەت. ۋاقتى ۋودراند مەدەنىيىتىدىن كېيىن بولۇپ، Ⅰ دەۋر (مىلادىدىن ئىلگىرى 1200 - 700)، Ⅱ دەۋر (مىلادىدىن 2001 يىل ئىلگىرى) گە ئايرىش مۇمكىن. ئاساسىي ئالاھىدىلىكى مەيدان ئەتراپىدىكى چاسا شەكىللىك تەكشى توپا سۇپا ئۈستىگە ئىبادەتخانا ۋە باشقا مۇھىم ئىمارەتلەرنى ياساشتىن ئىبارەت. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، پۇرچاق قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان. قېزىۋېلىنغانساپال قاچىلارنىڭ شەكلى ۋە گۈللىرىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئامېرىكا رايونىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى روشەن كۆرۈنىدۇ. ئىلىنوس شتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان كاخوكىيە خارابىسى تىپىك خارابە بولۇپ، ئايلانمىسى 65 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە سەكسەن نەچچە توپا سۇپا بار ھەمدە قەبىلە ئولتۇراقلاشقان جاينىڭ نۇرغۇنلىغان خارابىلىرى ۋە شۇ دەۋردىن قېپقالغان كۆپلىگەن نەرسىلەر تېپىلغان. ئۇ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ زور خارابىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.