Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېسسېن مارك
دائىرە: دۇنيا تارىخى迈森马克
mài sēn mǎ kè
مېسسېن چېگرا رايونى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرا رايونى، ئېلبا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىم ۋادىسى (ھازىرقى گېرمانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى) غا جايلاشقان. ئەسلى سلاۋىيانلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان سېربىيەلۇژىتسلىرى ئولتۇراقلاشقان رايون Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېرمانىيە فېئوداللىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، مېسسېن مارك تەسىس قىلىنغان. 1264-يىلى تۈرىنگېننى قوشۇۋالغان. 1423-يىلى يەنە كورۇل سايلىمىغا قاتىنىشالايدىغان بەلگىلىك ساكسېن - ۋىتتېنبېرگ بەگلىكىنى قوشۇۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن مېسسېن ئەتراپى كورۇل سايلىمىغا قاتنىشالايدىغان يېڭى ساكسېن بەگلىكىنىڭ مەركىزى رايونىغا ئايلىنىپ، نامى ساكسېنغا ئۆزگەرتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.