Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىشما يوكىفۇ
دۇنيا تارىخى
三岛由纪夫
sān dǎo yóu jì fū
(1925 - 1970) ياپونىيىلىك يازغۇچى، دراماتورگ، ئەسلى ئىسمى خرائو كاكىئوي، توكيو داشۆسىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئوڭ قاناتلار تەشكىلاtى - <قالقان جەمئىيىتى> نى تەشكىل قىلىپ، <قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ ياراملىق بولۇش> يولىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى تەشەببۇس قىلپ، مىلتارىزمنى تىرىلدۈرۈشنى تەرغىپ قىلغان. 1970-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، توكيو شەھىرىدىكى گودې قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ شەرقىي تەرەپ باش نازارەت ئورنىغا بېسىپ كىرىپ، قوغدىنىش ئەترىتىدىكىلەرنى <ئويغىنىش> ۋە <قوزغىلىش> قا چاقىرغان، ئاندىن قارنىنى يېرىپ ئۆلۈۋالغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغدىلا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مالىيە ۋازارىتىدە بىر مەھەل ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، خىزمەتتىن ئايرىلىپ مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ياپونىيىدىكى خىيالپەرەسلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئېستېتىزمگە چوقۇنۇپ، چىرايلىق سۆز - ئىبارىلەرنى قوغلاشقان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <نىقابنىڭ ئىقرارنامىسى>، <جېنگې ئىبادەتخانىسى>، <باياشات دېڭىز> قاتارلىق رومانلار؛ <تاماك>، <زىياپەتتىن كېيىن>، <دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىش> قاتارلىق ھېكايىلەر <روكۇمې سارىيى>، <يېقىنقى زامان نېڭلې توپلىمى> قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى، <قۇياش بىلەن تۆمۈر>، <مەدەنىيەت مۇداپىئەسى ھەققىدە> قاتارلىق ئوبزورلىرى بار. كېيىن، <مىشىما يوكىاۇ ئەسەرلىرى> دىن 36 توم نەشر قىلىنغان.