Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىسال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مىسال كەلتۈرۈش
مەن ئۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈپ بەردىم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۈرەت، شەكىل، بۇيرۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم بىر مەسىلىنى، كۆز قاراشنى ياكى ھادىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان دەلىل، ئىسپات، نەمۇنە، ئۆرنەك، ئەندىزە.
مۇھەببەتنىڭ بولار يامغۇرى، قارى. مۇھەببەت بىر گۈزەل شېئىر مىسالى.
ماتېماتىكا دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن سانلىق (رەقەملىك) فورما.
ئىمتىھاندا ماتېماتىكىدىن ئىككى مەسىلە، ئۈچ مىسال چۈشتى