Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىرخاۋەند
دائىرە: دۇنيا تارىخى米尔洪德
mǐ ěr hóng dé
(ياكى 1433 - 1498) پارس تارىخشۇناسى. بەلختە تۇغۇلغان. ئۇزاق مەزگىل ھىراتتا تېمۇر خاندانلىقى ھۆكۈمرانى سۇلتان ھۈسەيىن (1469 - 1505- يىلىرى تەختتە بولغان) نىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ <رەۋزەتۇسەفاھ> (يەتتە توم بولۇپ، كېيىنكى قىسمىنى ئۇنىڭ نەۋرىسى خاندەمر )1475-يىلىدىن تەخمىنەن 1537-يىلغىچەياشىغان( يېزىپ ئاياغلاشتۇرۇغان) ناملىق ئومۇمىي تارىخىي ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن قەدىمكى زاماندىن تارىتپ 1523-يىلغىچە بولغان پېرسىيە تارىخى بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاخىرىغا جۇغراپىيىلىك يەر - جاي ناملىرى ئىلاۋە قىلىنغان، بۇ كىتابتا ئەتراپلىق نەقىل ئېلىنغان، مول ماتېرىيالغا ئىەە بولۇپ، نۇرغۇنىلىغان يوقالغان ئەسەردىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى ساقلاپ قالغان. ئۇسلۇبىمۇ جانلىق ۋە سەلتەنەتلىك بولۇپ قەدىمكى ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيال بولۇ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.