Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېروۋې خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى墨洛温王朝
mò luò wēn wáng cháo
(تۇنجى فرانك كورۇللۇقى 486 - 751). ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ فرانكلارنىڭ باشلىقى مېروۋې ( ؟ - 458) نىڭ ئىسمى بىلەن نام ئالغانىكەن. مىلادى 486-يىلى مېروۋېنىڭ نەۋرىسى كروۋىي غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گاللىيىدىكى قالدۇق كۈچلىرىنى تارمار قىلىپ، بۇ خاندانلىقنى رەمسىي قۇرغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن فرانك كورۇللۇقى بارا - بارا ئاۋسترالىيە، نېيىسترىيە ۋە بورگۇندىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ⅡⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، يۇقىرىقى ئۈچ قىسىمنىڭ ھوقۇقى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئوردا خوجىدارىنىڭ قولىدا بولغان. كورۇل <ھۇرۇن خان> دەپ ئاتالغان. 687-يىلى ئاۋستراسىيە ئوردىسىنىڭ خوجىدارى پېپىن Ⅱ (؟ - 714) مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوردا خوجىدارى بولۇپ قالغان. 751-يىلى ئۇنىڭ نەۋرىسى پېپىن (پەتەك) پاپانىڭ ياردىمى بىلەن تەختكە چىقىۋالغان ۋە لوررېن خاندانلىقىنى قۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.