Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىركا
دائىرە: دۇنيا تارىخى米尔查
mǐ ěr chá
(؟ - 1418) ۋالاخىيە كىنەزى (1386 - 1418). 1389-يىلدىكى كوسوۋو جڭىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1394-يىلى 10-ئايدا ۋالاخىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا سۇلتان بايازىت Ⅰ قوماندانلىقىدىكى تۈرك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1396-يىلى ۋېنگرىيە پادىشاھى سىگىسموند قوزغىغان تۈركىيىگە قارشى ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىگە قاتناشقان. نەتىجىدە نىكروپول جېڭىدە تۈركلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1415-يىلى تۈركىيىگە ئەل بولۇشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.