Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىقدار ئالامىتى
بىئولوگىيە
سۈپەت ئالامىتىگە قارىمۇ قارشى بولىدۇ، مەسىلەن، جانلىق ئىندىۋىدلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقى؛ ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنىڭ سۈت، يۇڭ، گۆش، تۇخۇم مەھسۇلاتلىرى ۋەھاكازا ئالامەتلىرى. بۇ ئالامەتلەرنى ئۆلچەش ياكى ھېسابلاش كېرەك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈزلۈكسىز، مىقدارلىق ئۆزگىرىش، يەنى شالغۇت ئەۋلاد (F2) تا تۈرلىرى، دەرىجىسى دائىم بىر چەكتىن يەنە بىر چەككىچە داۋاملىشىپ ئىپادىلىنىدۇ. مىقدار ئالامەتلىرىنىڭ ئىرسىيىتىنى مۇھىم بىر - ئىككى گېن ياكى بىر - ئىككى جۈپ تەڭ ئورۇنلۇق گېنلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. كۆپ گېن پەرىزى ھازىر مىقدار ئالامەتلىرىنىڭ ئىرسىيىتىنى چۈشەندۈرىدىغان تەلىماتتۇر. ئومۇمەن نۇرغۇنلىغان مىقدار ئالامەتلىرىنى ئوندىن ئارتۇق، بەزىدە 200 دىن ئارتۇق ئورۇندىكى گېنلارنىڭ كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ. مىقدار ئالامەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئىرسىيەت تۈزۈلۈشلەردىن باشقا يەنە فىزىئولوگىيىكىك ئەھۋاللار ۋە سىرتقى مۇھىت - شارائىتىنىڭ تەسىرگە ئاسان ئۇچراپ ئۆزگىرىدۇ.