Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
磨制石器
دۇنيا تارىخى
سىلىقلانغان تاش قورال
ئارخېئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئۇ يۈزى سىلىقلانغان تاشقورالنى كۆرسىتىدۇ. ئالدى بىلەن تاش ماتېرىيال لايىق شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن بىلەي تاشقا سۈركىلىپ پىششىقلاپ چىقىلىدۇ. ئومۇمەن پارچىلاش، سوقۇش، چوقۇش، سىلىقلاش قاتارلىق ئىش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە پالتا، بىگەن، ئىسكىنە، پىچاق، ئورغاق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىدە قىسمەن سىلىقلانغان تاش قوراللار مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان، يېڭى تاش قورال دەۋرىدە پۈتۈنلەي سىلىقلانغان تاش قورال كەڭ قوللىنىلغان، برونزا قورال دەۋرىگە بارغاندىمۇ بۇ خىلتاش قورال داۋاملىق ئىشلىتىلگەن.