Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
موتلېي
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى莫特利
mò tè lì
دائىرە: دۇنيا تارىخى摩特菜
mó tè cài
(1814 - 1877) ئامېرىكا تارىخشۇناس، دىلپمات. ياش ۋاقتىدا خاراۋارد داشۆسىنى ۋە بېلىن داشۆسىدە ئوقۇغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن گوللاندىيە تارىخىنى تەتقىقق ىلىشقا كىرىشكەن. 1851-يىلى يەنە ياۋروپاغا بېرىپ، بېرلىن، درېسىدېن، بىريۇسسېل، گراۋېناگى قاتارلىق جايلاردا بىر قانچە يىل ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان 1856-يىلى يەنەياۋروپاغا بېرىپ، بېرلىن، درېسىدېن، بىريۇسسېل، گراۋېناگى قاتارلىق جايلاردا بىر قانچە يىل ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. 1856-يىلى <گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللىنىشى> (ئۈچ قىسىم) نى نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا ئاساسەن 1555 - 1584-يىللاردىكى نېدېرلاندىيە ئىنقىلابىي تارىخى بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشى ئەپچىل، قۇرۇلمىسى چىڭ، بېزىلىشى راۋان، ۋەقەلىكى تەپسىلىي بولۇپ، ⅨⅩ ئەسىردىكى مەشھۇر تارىخىي ئەسەردۇر. يەنە <نېدېرلاند بىرلەشكەن ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى> (4-قىسىم) دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئالدىنقى كىتابنىڭ داۋامىدۇر. 1861 - 1867-يىللىرى ئاۋسترىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1869-يىلى ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئىكىنچى يىلى ئۇ ۋەزىپىسىدىن قالغان، كېيىن ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ يېزىقچىلىق بىلەن ئۆلگەنگە قەدەر شۇغۇللانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.