Uyghurئاساسىي لۇغەت
موسكۋا
مەشھۇر شەھەرلەر
روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ پايتەختى موسكۋا روسىيىنىڭ ياۋروپا قىسمىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. شايى بەلۋاغدەك سوزۇلغان موسكۋا دەرياسى ئەگرى - بۈگرى ھالدا غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ لېنىن تېغى ئېتىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شىمالغا قاراپ كرېمل سارىيىنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتىدۇ، ئاندىن بۇرۇلۇپ جەنۇبقا قاراپ ئاقىدۇ. موسكۋا مۇشۇ دەريانىڭ نامىدا ئاتالغان.
ياۋروپادا پارىژدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ شەھەر − موسكۋا800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەشھۇر شەھەر. ئۇ يەتتە ئېگىز - پەس ئېدىرلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان شەھەر بولۇپ، پۈتۈن شەھەر بىر چوڭ ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشايدۇ. موسكۋانىڭ كوچىلىرى ھالقىسىمان ۋە رادىئاتسىيە شەكلىدە جايلاشقان. دەرەخلىك كوچىلىرى شەھەر مەركىزىدىن تۆت ئەتراپىغا قاراپ سوزۇلغان. ئاۋات چوڭ كوچىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ۋە يېڭىدىن سېلىنغان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا ھەر خىل پاسوندىكى خىلمۇخىل زىننەتلەنگەن قۇرۇلۇشلار سېلىنغان.
كرېمل سارىيى بىلەن قىزىل مەيدان شەھەر مەركىزىدە. بۇ دۇنياغا مەشھۇر ساراي1156 - يىلىدىن باشلاپ ياسالغان، ئۇ تارىختا ئۆتكەن چار پادىشاھلارنىڭ ئوردىسىدۇر. ساراينىڭ مەركىزىدە ئۈچ داڭلىق چېركاۋ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاپئاق تاملىرى ئېگىز - پەس، كەڭ - تارلىقىنىڭ ماس ھالدا نىسبەتلەشتۈرۈلگەنلىكى، خۇددى قەدىمكى زاماندىكى چەۋەندازلارنىڭ تۆمۈر قالپىقىدەك يۇمىلاق كەلگەن ئۆگزىسى بۇ قۇرۇلۇشلارنى تېخىمۇ كۆركەم ھەم سەلتەنەتلىك قىلىپ كۆرسەتكەن.
قىزىل مەيدان كرېمل سارىيىنىڭ شەرقىدە. روس تىلىدا قىزىل مەيدان دېگەن سۆز «گۈزەل مەيدان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياسالغان بولۇپ، ئەسلىدە بىر سودا بازىرى ئىدى. كېيىن بۇ يەر چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئاممىنى يىغىپ، پەرمان چۈشۈرىدىغان مەيدانغا ئايلانغان.
موسكۋانىڭ تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن، بۇرۇن بۇ شەھەردە دەل - دەرەخلەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ، «قۇملۇقتىكى شەھەر» دەپ ئاتىلاتتى.1928 - يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، شەھەر مەركىزىدىن شەھەر ئەتراپىغا قاراپ سوزۇلغان سەككىز يېشىل ئورمان بەلۋېغى بەرپا قىلىندى. شەھەر ئىچىدە چوڭ - كىچىك باغچا ۋە كوچا مەركىزى باغچىسى ئىنتايىن كۆپ، شەھەر ئەتراپى رايونىغا يەنە11 پارچە تەبىئىي ئورمان رايونى بەرپا قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن بىر مەھەل يوقىغان ياۋا بۇغىلار يەنە كۆپىيىپ نەچچە10 مىڭ تۇياققا يەتتى. ھازىر شەھەر رايونىدىكى كۆكەرتىلگەن يەرنىڭ كۆلىمى شەھەر ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ% 40 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر موسكۋا ئاھالىسىگە44 كۋادرات مېتىر يېشىللىق يەر توغرا كېلىدۇ. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن شەھەر قىياپىتى گۈزەللەشتى، ئىقلىمىمۇ ياخشىلىنىپ بۇرۇنقى «قۇملۇقتىكى شەھەر» دىن يېشىل پايتەختكە ئۆزگەردى.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى، روسىيە فدېراتسىيىسى بىلەن موسكۋا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، سوۋت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. موسكۋا شەرقىي ياۋروپا (رۇس تۈزلەڭلىكى) تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، موسۋا دەرياسى ھەم ئۇنىڭ تارمىقى بولغان رىئوزا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 8 مىليون 646 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئۇ دۇنيادىكى زامانىۋى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. موسكۋا 1156 - يىلى كىچىك بىر شەھەرچە بولۇپ قۇرۇلغان، 13 - ئەسىردە موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان، 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ 1918 - يىلغىچە چارروسىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت مەركىزى بولغان. 1918 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بولغان. موسكۋا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ ئومۇملاشقان سانائەت مەركىزى. مۇھىم خەلقئارا قاتناش مەركىزى، دۆلەت بويىچە ئاتاقلىق تۆمۈر يول تۈگۈنى. موسكۋانىڭ نازۇك ماشىنا - ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش، ستانوك، ئاپتوموبىل، خىمىيە، سانائەت، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىياتچىلىق سانائەتلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم بولۇپ، ماشىنىسازلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن شەھەردىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %50 نى، ماشىنىسازلىق سانائىتىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلار شەھەردىكى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ 50% نى تەشكىل قىلىدۇ. موسكۋا شەھىرىدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە قاراپ 10 نەچچە تارماق غول تۆمۈر يول لىنىيىسى سوزۇلىدۇ. بۇ جايدىن دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر بىلەن دۆلەتتىكى چوڭ شەھەرلەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان نۇرغۇن ھاۋا قاتناش لىنىيىلىرى بار. موسكۋانىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قاتنىشى ۋە يەر ئاستى تۆمۈر يول قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. بىرىنچى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1935 - يىلى قېزىلغان، يەر ئاستى تۆمۈريولىنىڭ 1979 - يىلدىكى ئۇزۇنلۇقى 164.5 كىلومېتىرغا، 1980 - يىلدىكى ئۇزۇنلۇقى 198 كىلومېتىرغا، يەر ئاستى تۆمۈريول بېكەتلىرى 123 كە يەتكەن. موسكۋا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدىكى قىزىل مەيداندا لېنىن قەبرىسى بار. شەھەردە موسكۋا داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، سوۋىت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، نۇرغۇن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق كرېمىل سارىيى، زامانىۋى قۇرۇلۇشلار، نۇرغۇن داڭلىق باغچىلار، دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار.