Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مورسكولار
دائىرە: دۇنيا تارىخى摩里斯科人
mó lǐ sī kē rén
ئىسپانىيە تارىخىدىكى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئەرەبلەر (مورلار) ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 1492-يىلى ئىسپانىيىنىڭ قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى ئورۇندالغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەرەبلەر (مورلار) خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر قىلىنىپ، مورسكولار دەپ ئاتالغان. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئەرەب تىلىنى قوللىنىشىنى مەنئى قىلغان، ئەرەب يېزىقىدىكى كىتابلارنى كۆيۈدرۈۋەتكەن ھەمدە مىڭلىغان مورسكولارنى دىنىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوت جازاسى بېرىشىگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. 1568-يىلى گرانادادىكى مورسكولار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مەغلۇپ بولغان. 1609 - 1610-يىللىرى مورسكولار ئىسپانىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كۆپىنچىسى شىمالىي ئافرىقىدىكى ماراكەش، ئالجىرىيىنىڭ دېڭىز بويلىرى رايونىغا ۋە تۇنىسنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ بارغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.