Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مورېللى
دۇنيا تارىخى
摩菜里
mó cài lǐ
ⅧⅩ ئەسىردىكى فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. مورېللي ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ ئەسلى ئىمسى نامەلۇم. ئۇ راتسىئونالىزم، تەبىئىي قانۇن ۋە ئىجتىمائىي كېلىشىم نەزەرىيىلىرىنى ئاساس قىلىپ، كوممۇنىزم غايىسىنى تەسۋىرلىگەن. تەبىئەتنىڭ ئومۇمىي قائىدى - تەرەققىيات قانۇنىغا ئاساسەن بىر قانچە چېنىقىش باسقۇچلىرى ئارقىلىق، كىشىلەر ئىلگىرىكى ئاڭسىز كوممۇنىزمدىن كەلگۈسىدىكى ئاڭلىق كوممۇنىزمغا يېتىپ بارىدۇ. كەلگۈسىدىكى جەمئىيەتتە ئۈچ <مۇقەددەس قانۇن> يەنى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ياشاش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ پۇقرالارنىڭ <ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە، ئىقتىدارىغا ۋە يېشىغا قاراپ> جامائەت ئەمگىكىگە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلەشكە ئەمەل قىلىش لازىم، كوممۇنىزم ئايرىم، ئانچە چوڭ بولمىغان كوممۇنا دائىرىسى بىلەن چەكلەنمەي، بەلكى دۆلەتنىڭ دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ ھەمدە ئەمگەك ۋە ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بىر تۇتاش پىلانلىنىدۇ ۋە تەقسىم قىلىنىدۇ دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ غايىسى كۈچلۈك تەڭ تەقسىماتچىلىق خاھىشى ۋە غەلىتە پاترىئارخاللىق ھوقۇقى دېموكراتىيە تۈزۈمى تۈسىنى ئالغان. <باچىلىئادا>، <تەبىئىي قانۇن> قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.