Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مورلېي - مىنتو ئىسلاھاتى
دۇنيا تارىخى
莫菜一朋多改革
mò cài yī péng duō gǎi gé
ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى مورلېي (1838 - 1923) بىلەن ھىندىستان باش ۋالىيسى مىنتو (1845 - 1914) ھىندىستانغا قارىتىلغان مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن چىقىرىش <ئىسلاھاتى>. 1905-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە پارلامېنتى <ھىندىستاننىڭ ھەر دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتلىرى (ياكى قانۇن چىقىرىش مەسلىھەت يىغىنلىرى) توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى> نى ماقۇللىغان، بۇ <مورلېي - مىنتو ئىسلاھات لايىھىسى> نى ماقۇللىغان، بۇ <مورلېي - مىنتو ئىسلاھات لايىھىسى> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بەلگىلەنگەن. مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى (ياكى ئىمپېرىيە قانۇن چىقىرىش مەسلىھەت يىغىنى) ئەزالىرىنىڭ سانى 16 دىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 60 كە يەتكۈزۈلگەن؛ بېنگال، مادراس ۋە بومباي قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 كە يەتكۈزۈلگەن؛ پەنجاپقا 30 كىشى تەقسىم قىلىنغان. مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدا ھۆكۈمەت تەرپتىن بولغان ئەزالار كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلغان ئۆلكىلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدا غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ (بەلگىلىنىدىغان ياكى سايلىنىدىغان) ۋەكىللەر كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلغان باش ۋالىي مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ئەزالار پەقەت ھۆكۈمەت دائىرلىرى تاپشۇرغان قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلغان، ئۇلاrدا قانۇن چىقىرىدىغان ئەمەلىي ھوقۇق بولمىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش پرىنسىپى بەلگىلەنگەن، سايلىغۇچىلار ناھايىتى يۇقىرى مال - مۈلۈك سالاھىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان، شۇنداق مۇسۇلمان سايلىغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم سايلام رايونى قۇرۇلغان. ئىسلاھات ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا چېقىلمىغان، بۇنىڭدا ئەنگلىيىپەرەس كۈچلەرنى يۆلەش، ھىندىستان بۇرژۇئازىيىسىنى ئۆزىگە تارتىش، دىنىي ماجىرا قوزغاش، ھىندىستاننىڭ مىللىي ھەرىكىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسەت قىلىنغان.