Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مونتې ئالبان
دۇنيا تارىخى
蒙特.阿尔班
méng tè .ā ěr bān
مېكسىكىنىڭ كلاسسىك دەۋرىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت خارابىلىرىنىڭ بىرى. ئوئاكساكا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، مونتې ئالباننىڭ مەنىسى ئاق تاغ بولۇپ، بۇ رايوننىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە دىنىي مەركىزىدۇر. مەدەنىيەتنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى مىڭ يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى <شەكىللىنىش مەزگىلى> گىچە سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن. خارابە كەڭ تۈزلەڭلىكتىكى بىر قانچە يۈز مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىق جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى غەربتىن شەرققىچە 200 مېتىر، شىمالدىن جەنۇبقىچە 300 مېتىر كېلىدىغان تۆپىلىكتىن ئىبارەت. بۇ تۆپىلىككە ئىبادەتخانا، رەسەتخانا، توپ مەيدانى قاتارلىقلار ياسالغان. ئىمارەتلەرنىڭ تولىسى مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان كلاسسىك دەۋرگە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما غەربىي جەنۇبىي بۇرجەكتىكى <ئۇسۇسلچىلار ئىبادەتخانىسى> كلاسسىك دەۋردىن بۇرۇنقى ئىمارەتتۇر. قەربىستانلىق تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەزەىللەردە ياسالغان بىر قانچە يەر ئاستى تاش قەبرىلەر بار. ئۇلار نەپىس تام سىزمىلىرى ۋە ئادەم رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ساپالا كوزىلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، يەتتىنچى قەۋىتىدىن يېشىل تاش، ئالتۇن، ئالتۇندىن ياسالغان ساۋۇت، ھالقا، ئالتۇن تاج ۋە باشقا ھەر خىل گۆھەرلەر قاتارلىق 500 نەچچە دانە بۇيۇم چىققان.