Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مونتېۋىدېئو
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر蒙德维的亚
méng dé wéi de yà
ئۇرۇگۋاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چڭو شەھىرى. بۇ شەھەر لاپلاتا دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. بۇ جاي 1717 - يىلى كىچىك بىر ئورۇن بولۇپ، 1726 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 1828 - يىلى پايتەخت قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر ئۇ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى، شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 300 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. مونتېۋىدېئو ئۇرۇگۋاينىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ 4/3 قىسمى توپلانغان، شەھەردە يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، كۆن - خۇرۇم، سېمونت، خىمىيە، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. مونتېۋىدېئو ئاتاقلىق پورت، پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئېكسپورت - ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ 90% تى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى زامانىۋى، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مەيدانلار، باغچىلار، 1849 - يىلى قۇرۇلغان يۇقىرى دەرجىلىك بىلىم يۇرتلىرى، 1795 - يىلى سېلىنغان ھەيۋەتلىك تىياتىرخانىلار، 1837 - يىلى قۇرۇلغان تەبىئەت مۇزېي ۋە باشقا مەشھۇر ئورۇنلار بار. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا سۇغا چۆمۈلۈش، داۋالىنىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى蒙得维的亚
méng dé wéi dì yà
GetWord كۇللىياتى
9蒙得维的亚
蒙得维的亚【世界各国】
méng dé wéi de yà
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.