Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مونتاگۇ - چېلمسفورد دوكلاتى
دۇنيا تارىخى
蒙塔古一契姆斯福
méng tǎ gǔ yī qì mǔ sī fú
ھىندىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى دوكلات. ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستان ئىشلىرى ۋەزىرى مونتاگۇ بىلەن ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيىسى گراف چېلمسفورد بىرلىكتە تۈزگەن. 1918-يىلى 7-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان. بۇ دوكلاتتا ھىندىستانىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇيلغان. يېڭى ئىسلاھاتنىڭ ھىندىستاندا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشنىڭ بىرىنچى بسقۇچى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ھىندىستان ئەھۋالىنى قەرەللىك تەتقىق قىلىپ، ھىندىستانغا يېڭى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش مەسىلىسى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىنغان. بۇ دوكلارد <1919-يىللىق ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەشكىلىي قانۇنى> نىڭ ئاساسىغا ئايلانغان.