Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مونود
دۇنيا تارىخى
莫诺
mò nuò
(1844 - 1912) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپ گېرمانىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ، گىتتىنگېن داشۆسىدە ئوقۇغان. رانگې ئىلمىي ئېقىمىنىڭ تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە ئىلمىي تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان. 1880-يىلى پارىژغا بېرىپ ئارلىي سىفەندە دەرس بەرگەن. كېيىن ئالىي تەجرىبە - تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1897-يىلدىن باشلاپ ئېتىكا ۋە سىياسىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1905-يىلى فرانسىيە شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. سېمىنار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس خادىملارنى يېتىشتۈرگەن. 1876-يىلى مەشھۇر تارىخشۇناسلىق ژۇرنىلى <تارىخ ئوبزورى> نى چىقارغان. پۈتۈن ھاياتىنى تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش - رەتلەش ۋە تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان. 1888-يىلى <فرانسىيە تارىخ كىتابلىرى كاتولوگى> نى ئېلان قىلىپ، فراسنىيە تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئوبدان باھاسىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <مېروۋىن خاندانلىقىغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللارغا باھا>، <كارولىن خاندانلىقىغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللارغا باھا> <كارولىن خاندنالىقىغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللارغا باھا>، <مىشېللېنىڭ ھاياتى ۋە ئىدىيىسى> قاتارلىقلار بار.