Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مونمۇ ئۇسېئائائۇ
دۇنيا تارىخى
蒙姆索
méng mǔ suǒ
(1883 - 1960)، فرانسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاتاقلىق ئەربابى. دېھقان ئائىسىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تۆمۈريول ئىشچىسى بولۇپ، 1920 - 1921-يىللاردا تۆمۈريول ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىنى ئۆتىگەن. 1922-يىلى فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. شۇ يىلىدىن باشلاپ 1926-يىلغىچە برىلەشكەن ئەمگەك بىرلەشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1926 - 1937-يىللاردا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىنتېرناتسىئونالى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1936 - 1940-يىللاردا فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىلگىر - كېيىن بولۇپ فرانسىيەكوممۇنىستىك پارتىيىسى مەزكىري كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىغان سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1935-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال رىۋېزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان ئۇرۇشتىن كېيىن، 1945-يىلى يەنە فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان.