Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
موناستىرلار ئىتتىپاقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى马纳斯蒂尔联盟
mǎ nà sī dì ěr lián méng
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئالبانىيىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى تەشكىلاتى. 1908-يىلى ئالبانىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن كۈچ كۆرسىتىپ نامايىش قىلىنىقپ، كەينى - كەينىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك كۇلۇبلار قۇرۇلغان. شۇ يىلى 11-ئايدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە ئۇنى باستۇرغان چاغدا، ھەرقايسى ۋەتەنپەرۋەر كۇلۇبلار موناستىردا يىغىلىش قىلىپ، بىرلىشىپ ئىتىتپاق قۇرغان. ۋەتەنپەرۋەرلەر ئالبانىيە خەلقىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى قوللىنىشنى بېكىتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مىللىي ھەرىكەتنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇزاكىرە قىلغان، مەمۇرىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.