Uyghurئاساسىي لۇغەت
مومانىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى توغرىسىدىكى ھۆكۈم مىسالى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ دەسلەپكى چاغلاردىكى شەرىئەتنىڭ مەشھۇر ھۆكۈم مىساللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ۋاپات بولغۇچىنىڭ دادىسىنىڭ ئانىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئانىسى مىراسنى تەقسىم قىلىش ئۈستىدە تالىشىپ قېلىپ، شەرىئەتكە ئەرز قىپتۇ. خەلىپە ھەرزىتى ئۆمەر دەسلەپكى سوراقتا ھەممە مىراسنى ئانىسىنىڭ ئانىسىغا ھۆكۈم قىلىپ بېرىپتۇ. <قۇرئان كەرىم> دەپ ئانا (ئەرەبچىدە ئانىنىڭ ئانىسىنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ مەنپەئىتى بايان قىلغانىكەن. كېيىن بەزىلەر بۇنداق ۋارىسلىق قىلىش پرىنسىپىغا باشقىچە پىكىردە بولغانىكەن، ھەرزىتى ئەلى مىراسنى دادىسىنىڭ ئانىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئانىسىغا تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىشكە ئۆزگەرتىپتۇ. بۇ مىسال ھەقدارلارنىڭ سالاھىيىتى بىلەن شۇنداق دەپ ئاتالغان.