Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مولليېن
دۇنيا تارىخى
莫利昂
mò lì áng
(1796 - 1872) فرانسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارى. دەسلەپ فرانسىيىنىڭ غەربىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلەر تايانچ پونكىتى بولغان سېن - لۇئىغا بارغان. 1817 - 1818-يىللىرى سېنېگال، گامبىيە ۋە نېگىر دەرياسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرگەن، 1823-يىلى يەنە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كولومبىيە رايونىغا بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلغان. 1828-يىلى فرانسىيىنىڭ ھايتىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. 1831-يىلى كۇبادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. ئۇنىڭ <ئافرىقىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ساياھەت> دېگەن ئەسىرى بار.