Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
摩里土
دۇنيا تارىخى
ماۋرىسى
(تەخمىنەن 539 - 602) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (582 - 602). تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە ئافارلار ۋە سلاۋىيانلارنىڭ جەنۇبقا قىلغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن، ئىمپېرىيىنىڭ شىمالىي چېگرىسىنى دۇناي دەرياسى بويلىرىغىچە ساقلاپ قالغان؛ ئىتالىيە تەرەپتە لومباردلارنىڭ ئىمپېرىيىنى پىلە قۇرتىدەك يېيىشىنى چەكلىگەن ھەمدە لاۋەننا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى كارفاگېندايېرىم مۇستەقىل بولغان باش ۋالىي رايونىنى قۇرغان، ھەربىي ئىشلار ۋە خەلق ئىشلىرى بويىچە چوڭ ھوقۇققا ئىگە باش ۋالىينى ئۇنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتكەن. مىلادىن 590 - 591-يىللىرى پېرسىيە پادىشاھى خىسراۋ Ⅱ نىڭ تەختىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەملەشكەن ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ۋىزانتىيىگە پايدىلىق بولغان سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. ھەربىي چقىم بەك كۆپ بولغاچقا مالىيە جەھەتتىن قىينىلىپ ھەربىيلەرنىڭ مائاشى ئازايتىلغان، كونستانتىنوپول پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان قۇتقۇزۇش پولىمۇ ئازايتىلغان ھەمدە مەجبۇرىي ھالدا باج - سېلى كۆپەيتىلگەن. نەتىجىدە تۆۋەن قاتلامدىكى ئامما ۋە ھەربىيلەرنىڭ نارازىلىقى قوزغالغان. 602-يىلى تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېر فۇككا دۇنيا دەرياسى ئالدىنقى سېپىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.