Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
墨尔本反流放同盟
دۇنيا تارىخى
سۈرگۈن قىلىشقا قارشى مېلبۇرن ئىتتىپاقى
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئاۋسترالىيە قىتئەسىدە ئەنگلىيەنىڭ ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە جىنايەتچىلەرنى داۋاملىق سۈرگۈن قىلىشىغا قارشى قۇرۇلغان تەشكىلات. 1849 - يىلى ئەنگىليەنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە يۆتكىشى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. سىدنېي، مېلبۇرن، ئادېللېير قاتارلىق جايلاردا ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جىنايەتچىنى سۈرگۈن قىلىشقا قارشى جەمئىيەت قۇرۇلغان. 1851 - يىلى 2 - ئايدا مېلبۇرندا مۇستەملىكىلەر ئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، سۈرگۈن قىلىشقا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈلگەن، يۇقىرىقى جەمئىيەتلەر بۇ ئىتتىپاقنىڭ جايلاردىكى كومىتېتلىرى قىلىنغان. ئىتتىپاق ئۆز ئەزالىرىنىڭ جىنايەتچىنى مەڭگۈ ياللىمايدىغانلىقىنى ۋە قانۇن چىقىرىش يولى بىلەن سۈرگۈن قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى توسۇيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى چارلېس كوۋپېر (1807 - 1875) بۇ ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى بولغان. ئەنگىليە مۇستەملىكىلەر مىنستىرلىكى ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جىنايەتچىلەرنى ئەۋەتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە 1852 - يىلدىن كېيىن يېڭى جەنۇبىي ئوئېلىس ۋە فەندىمىن (بۈگۈنكى تاسمانىيە) رايونىغا جىنايەتچىلەرنى سۈرگۈن قىلىش ئىشى توختىتلغان.