Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېندېس - فرانسې
دۇنيا تارىخى
孟戴斯一弗朗斯
mèng dài sī yī fú lǎng sī
(1907 - 1982) فرانسىيە زۇڭلىسى ۋە قوشۇمچە تاشق ئىشلار مىنىستىرى (1954 - 1955). پاىرژ داشۆسىنىڭ پولىتىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرۈپ، ئادۋوكات بولغان. 1932-يىلدىن ئېتىبارەن رادىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە كېڭەش پالاتاسىغا سايلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە سىياسىي ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1938-يىلدىن باشلاپ قىسقا ۋاقىت خەلق فرونتىنىڭ ئىچكى كابىنېتىدا مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنغان، قېچىپ چىققاندىن كېيىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. 1944 - 1945-يىللىرى دېگولل ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1954-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ زۇڭلى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزىەللىرى، 1954-يىلى <جەنۋە كېلىشىمى> گە ئىمزا قويۇپ، فرانسىيىنىڭ ھىندىچىنىغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن. 1956-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان، لېكىن فرانسىيىنىڭ ئالجىرىيىگە قاراتقان سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقتىن خىزمىتىدىن ئىتېپا بەرەەن. 1955 - 1957-يىللىرى رادىكال سوتسىيالىستلاr پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. شۇنىڭدەك ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا قايتا گۈللىنىش - ئېچىش بانكىسىدا ئىشلەپ كەلگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ھۆكۈمرانلىق ۋە تالاش>، <ئىقتىساد ئىلمى ھەرىكەت>، <ھازىرقى زاماندىكى جۇمھۇرىيەت> ۋە <كەلگۈسى ئۈچۈن تەييارلىق> قاتارلىقلار بار.