Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىناميوت
ھەرخىل زەمبىرەكلەر
مىناميوت يېنىك، مەشغۇلاتى ئاددىي، ترايېكتـورىـيـىـسـى ئەگرى بولغاچقا، دالدا ئارقىسىدىكى نىشان ۋە گورىزونتال نىشانلارغا ئېتىشـقـا باب كېلىدۇ، دۈشمەن بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ قالغاندا قۇدرىتىـنـى نامايان قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلـىـك، پـىـيـادە ئەسكەرلەر بىلەن بىللە تاغ - داۋانلاردىن ئاشالايدۇ، پولك، باتاليونلارنىڭ ئوت كۈچىنى باستۇرىدىغان يارىغى، ئاساسەن يېقىن ئارىلىقتـا ئوت كـۈچـىـنـى باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.
مىناميوت ئەڭ بۇرۇن1904 - يىلى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدا بارلىقـقـا كەلگەن. ئەينى چاغدا ياپونىيە ئارمىيىسى روسىيە ئارمىيىـسـىـنـىـڭ مـۇھىـم ئىستىھكامىغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ يىراق مۇسـاپـىـلـىـك زەمبىرىكىنى ناھايىتى يېقىن ئارىلىقتىكى دۈشمەنگە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، يېنىك ياراغلارنىڭ ئوت كۈچى كىچىك بولۇپ، روسـىـيـە ئارمـىـيـىـسـى ئەسكەرلىرى نائىلاج كىچىك زەمبىرەكنى تىكلەپ زەمبىـرەك ئاغزىنى ئېگىزگە قارىتىپ، چوڭ ئۆلچەملىك قۇيرۇقلۇق سىنارەد ئاتـىـدۇ، نەتىجىدە سىنارەد بوشلۇقتا ياي شەكىللەندۈرۈپ، دەل ياپونىيە ئارمىيىسىـنـىـڭ ئاكوپى ئەتراپىدا پارتلاپ، ھۇجۇم قىلىۋاتقان دۈشمەننى يوقىتىدۇ.
دەسلەپكى مىناميوتلاردا چوڭ ئۆلچەملىك ئوق ئىشلىتىلـگـەن بـولـۇپ، كېيىن، زەمبىرەك ئىستوۋۇلىغا قاچىلىغىلى بولىدىغان سۇ تامچىسىغا ئوخـشاپ كېتىدىغان ئوخشاش ئۆلچەملىك ئوق بارلىققا كەلدى، بۇ خـىـل مـىـنـامـيـوت ئوقىنىڭ قۇيرۇقىغا ياپراقسىمان قانات ئورنىتىلغان بولـۇپ، ئوقـنـىـڭ بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھازىرقى مىناميوتلار مەيلى سانى ياكى تۈرى جەھـەتـتـە بولسۇن، زەمبىرەكلنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، ھازىر ئويۇق قاناللـىـق مىناميوت، ئەگرى ۋە تۈز ئېتىلىدىـغـان مـىـنـامـيـوت، ئارقا - ئارقىدىن ئاپتوماتىك ئاتىدىغان مىناميوت قاتارلىقلار بارلىقـقـا كـەلـدى،شۇنىڭدەك باتاليوندىن تۆۋەن شۆبە ئەترەتـلـەرنـى قـوراللانـدۇرىـدىـغـان ئوتـتـۇرا، كىچىك كالىبىرلىق مىناميوتلارنى ئاساس قىلىش، ئىقتىدار جەھەتتە ئېتـىـش مۇساپىسى ئۇزىراش، ئېغىرلىقى يېنىكلەش، قۇدرىتى ۋە نازۇكلۇقى ئېـشىـش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ھەربىي
زەمبىرەك ئوقى ئاغزىدىن قاچىلىنىدىغان، ئەگرى لىنىيە بويىچە ئېتىش ئاساس قىلىنىدىغان بىر خىل زەمبىرەك.