Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېلۋىل
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
梅尔维尔
méi ěr wéi ěr
دۇنيا تارىخى
麦尔维尔
mài ěr wéi ěr
(1819 - 1891) ئامېرىكىلىق يازغۇچى نيۇ - يوركتىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تېخنىكوم تەربىيىسى ئالغان. بانكا خىزمەتچىسى، يېزا ئىگىلىك مەيدانىنىڭ ئىشچىسى، يېزا مۇئەللىمى بولغان. 1839-يىلى سودا پاراخوتىدا ئىشلىگەن. 1841-يىلى كىت ئوۋلاش كېمىسى بىلەن سەپەرگە چىقىپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ماكساس تاقىم ئاراللىرىدىكى تېئىبلار ئىچىدە ئالاھازەل تۆت ئايدەك تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1844-يىلى بوستۇنغا قايتىپ كەلگەن. 1846-يىلى تۇنجى ئەسرى <تېئىبلار> نى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىر ياقتىن دېڭىزچىلىق قىلىپ، بىر ياقتىن يېزىقچىلىق قىلغان. 1866 - 1885-يىللىرى نيۇ - يوركتا تاموژنا تەپتىشى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپرەك دېڭىز - ئوكيان ھاياتىنى ئاساس قىلغان. دىن تارقىتىش نامى بىلەن مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتنى يولغا قويۇشنى ئەيىبلىگەن، بۇرژۇئا ئەخلاق - قانۇنچىلىقىنى تەنقىد قىلىپ، غايىۋى ئوتوپىيە جەمئىيەتنى سۈرەتلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <موب - دىك>، <ئاق كىت>، <ئوم>، <مالدى>، <پىئېر> قاتارلىقلار بار.